باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى 7-نۆۋەتلىك ئەھدىنامىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەر يىغىنىغا قاتناشتى

2017.11.08 13:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئەھدىنامىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەر يىغىنى 6-نويابىر ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋيېنادا ئېچىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىزنىڭ ياردەمچىسى چەن خوڭشەن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى، ھەمدە يىغىننىڭ ئادەتتىكى مۇناىزرسىدە جۇڭگونىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى.

  چەن خوڭشەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى يەر شارى بۇيىچە تۈزەش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۇرسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا مەنئى قىلىنمىغان رايون قۇرۇش، ئومۇمىيلاشتۇرۇش، كەچۈرۈم قىلماسلىقتا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، نۇقتىلىق تۈزەپ، يۇقىرى بېسىمنى تەكىتلەپ، پارىخورلۇق ۋە ھايانكەشلىكنى بىرگە تەكشۈرۈپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق دۆلەت ھوقۇقى ۋە دۆلەت خادىملىرىنى نازارەت قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر