- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا پاراخوتلىرىنىڭ دەرھال چېكىنىشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلدى
2017.11.08 13:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەننى تەكشۈرۈش مېخانىزمى 6-نويابىر كەچتە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى كونترول قىلىپ تۇرغان رايوندىكى سودا پاراخوتلىرىنىڭ دەرھال چېكىنىشىنى ئۇقتۇردى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: يەمەننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن، قىزىل دېڭىز پورتىدا توختىتىلغان بارلىق پاراخوتلار قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى كونترول قىلىپ تۇرغان رايون ۋە پورتتىن دەرھال چېكىنىپ، باشقا پورتقا ۋە نۇقتىلارغا يۆتكىلىپ، پاراخوت ۋە پاراخوت خادىملىرى ۋە يۈكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، يەمەنگە بارىدىغان بارلىق پاراخوتلارغا ئىجازەتنامە تارقىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى، ھەمدە بۇ ۋاقىتلىق تەدبىر بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىلىدۇ دېيىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر