باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈمىدنى يەردە قويماي، ياش ئاۋانگارتلاردىن بولىمىز

2017.11.08 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى): باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ياشلار توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ: «ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسى−تارىخىي ئارزۇ، رېئال ئارزۇ، شۇنداقلا كېلەچەك ئارزۇسى، بىز بىر ئەۋلادنىڭ ئارزۇسى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئاخىرقى ھېسابتا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ» دېگەن بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياشلارنىڭ رولىغا ئالاھىدە باھا بېرىپ، ئۇلارغا كۈرەش نىشانى كۆرسىتىپ بەردى.

  دوكلاتتىكى بۇ بايانلار ياشلارغا زور مەدەت بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىكى غايىلىك ياشلار باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن زور ئىلھام ئېلىپ، ئۆز ئارزۇسى ھەم جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋانگارت ياشلاردىن بولۇشقا بەل باغلىدى.

  شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى گۈلمىھرە مۇھەممەت مۇنداق دېدى: مەن 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ، مەخسۇس ئۆگىنىش بىلەن بىللە، شىنجاڭلىق 11 ئايال قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ ئاغزىدىن قۇرۇلتاي روھىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم. دوكلاتتا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز ياشلاردىن ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ ۋە بىزگە ئىشىنىپ، «پۈتۈن پارتىيە ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى لازىم»لىقىنى تەكىتلەپ، پۈتكۈل ياشلارنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. بۇ بايانلار بىزگە قانات، كەلگۈسى ئارزۇلىرىمىزنى روياپقا چىقىرىشقا مەدەت بولدى. مەن بىر ياش سەنئەتكار ۋە مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 19-قۇرۇلتاي روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنى خىزمەت ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن ئىز باسارلىرى، سەنئەتتىمۇ، ئەخلاقتىمۇ يېتىشكەن بىر تۈركۈم سەنئەتكارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، باش شۇجىنىڭ ياشلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ «سىنتاش» سودا شىركىتىنىڭ لىدېرى دىلئارام قۇربان مۇنداق دېدى: بىز 19-قۇرۇلتاينى تۈگىتىپلا مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ھەر مىللەتتىن بولغان 50 ئەزاسى «جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى بازىسى»غا بېرىپ، تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. دەرسلىرىمىز باشلىنىشى بىلەنلا، تەربىيەچى ئۇستازلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى ياشلاردىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياشلارنىڭ تەربىيەلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بىز بۇ يەردە «ئىنقىلابىي تەربىيە»گە ئىگە بولۇپ، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. ئۆزىمىزنىڭ جۇڭگودىن ئىبارەت تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغانلىقىمىزدىن چەكسىز پەخىرلەندۇق. 19-قۇرۇلتاي دوكلاتى بىلەن بۇ يەردە ئۆگەنگەنلىرىم بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپەمگە ماياك بولدى. مەن بىر ياش كارخانىچى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، سىياسىي سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايدا كۆرگەنلىرىم ۋە ئۆگەنگەنلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بوشاشماي تېخىمۇ ئاڭلىق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

  شاڭخەي «جياڭخەن» مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئاپتورى ھەم رېژىسسورى قۇربانجان سەمەت مۇنداق دېدى: قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، بىز شىنجاڭنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا 2-ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭغا بارىمەن»نى ئالدىراش سۈرەتكە ئېلىۋاتقان بولساقمۇ، قۇرۇلتاي روھىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەم تەسىرلەندىم. دوكلاتتا باش شۇجى شى جىنپىڭ «كەڭ ياشلار غايە-ئېتىقادىنى چېڭىتىپ، ئۇلۇغۋار غايە تۇرغۇزۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، دادىللىق بىلەن دەۋر ئەزىمەتلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇسىنى پەرۋاز قىلدۇرۇشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى ئېچىشى كېرەك» دېگەن بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غايىلىك ياشلارغا كۈرەش نىشانىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىز ياشلارغا ئىشەنگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم ھەم قۇرۇلتايدىن زور ئىلھام ئېلىپ، 2-ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشنى تۈگىتىپلا 3-ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلگەن»نىڭ زىيارىتىنى قىلىش ئۈچۈن ياۋروپاغا كەلدىم. بۇنىڭدا ياۋروپادىكى 10 نەچچە دۆلەتكە بېرىپ، خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنگەن شىنجاڭلىق ھەر مىللەت ياشلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كېلەر يىلى 3-ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلگەن»نى مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچى. ياشلار چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى ئاقساقمارال يېزىسى قىچىلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئادالەت شىرىپجان مۇنداق دېدى: مەن 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش جەريانىدا، خىزمەت ئەترىتىدىكى ياشلارنىڭ يېزىلاردا رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەن، خەلق ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىگە يۈز كېلەلىگۈدەك جاۋاب قايتۇرۇشىمىزنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى ياشلار يېزا-قىشلاقلاردا ئۆز رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ياشلىرىغا ئۈلگە بولۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىۋاتىدۇ. ياشلار يېزىلارغا بارغاندىن كېيىن يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە، ياشلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، قىياپەتلىرىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. بىز دېھقانلارغا سېتىپ چىقىرالمىغان مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشنى ئۆگەتتۇق، ئەڭ مۇھىمى يېزا ياشلىرىنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسى كۈندىن-كۈنگە ئۆستى. ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن ياش كادىرلار رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە يەتكۈزۈپ، ياشلار قوشۇنىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى كۈندىن-كۈنگە ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت پارلاق مەنزىلگە يۈرۈش قىلىمىز.

  شىنجاڭ سەفىيە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامىنە گايىت مۇنداق دېدى: مەن بىر ياش كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن ناھايىتى ياخشى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتىم. قۇرۇلتاي دوكلاتى ماڭا يېڭى ئىدىيە، يېڭى نىشان، يېڭى مۇساپەمنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۆتكەنكى بەش يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەنمۇ بۇ بەش يىل جەريانىدا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يىراق بىر يېزىدىن كېلىپ، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ، شىنجاڭدىكى 73 ئورۇندا تارماق دۇكان ئېچىپ 200 نەچچە كىشىگە خىزمەت ئورنى تېپىپ بېرەلىگەن ياش كارخانىچىغا ئايلاندىم. دوكلاتتا «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەممەيلەنگە تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي تاپقۇزۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش لازىم» دېگەن بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىز ياش كارخانىچىلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىلدى. دوكلاتتا يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، شىنجاڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن، شىركىتىمىزگە نىسبەتەن مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ دۇنيادىكى تېخىمۇ يىراق جايلىرىغىچە سېتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندۇق!

  شىنجاڭ سېمىرا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى زىننەت روزى مۇنداق دېدى:بىز 19-قۇرۇلتاي روھىدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلاندۇق، چۈنكى دوكلاتتا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى گەپ-سۆزلەر ئېيتىلغان بولۇپ، بىزگە ئوخشاش ئىستۇدېنىت ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ. مەنمۇ بىر ياش ئىستۇدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن دۆلەتنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ، تۆت يىل مابەينىدە شىركەت قۇرۇپ كارخانىچىلار قاتارىغا ئۆتتۈم. مەن بۇ جەرياندا ئۆزۈمگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن خانىم-قىزلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردىم. بۇنىڭدىن كېيىن دوكلاتتا ئوتتۇرغا قويۇلغاندەك: «ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ،» تېخىمۇ تىرىشىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلار توپى ۋە نۇرغۇن خانىم-قىزلارنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر