باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :

مېخانىزم ۋە ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا يۈزلىنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» يولنى ئېچىش كېرەك

ما كەي يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2017.11.09 08:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كىچىك مىكرو كارخانىلار جانلانسا، ئىش ئورنى كۆپىيىدۇ، ئىقتىساد گۈللىنىدۇ. پۇل مۇئامىلىدە قوللاش كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ۋە جايلار، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇش، بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى داۋاملىق ياخشىلاندى، قوللاش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملەپ، مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق بازار سىستېمىسى بولۇپمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم، زىچ، ياخشى، ھەمتۈرتكىلىك بانكا-كارخانا مۇناسىۋىتىنى تېزدىن ئورنىتىپ، بازارنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مېخانىزم ۋە ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا يۈزلىنىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» يولنى ئېچىش كېرەك، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ زور ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك! گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە پۇل مۇئامىلىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۈرلۈك سىياسەت ۋە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئېرىشىشچانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ زور ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر