باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات سىستېمىسىدىكىلەر پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى

2017.11.07 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى): 6-نويابىر، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ۋە 11 دۆلەتلىك 5 ئا دەرىجىلىك سەيلىگاھ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قاتناشقان تېلېۋىزىيەلىك-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ساياھەت تەرەققىيات سىستېمىسىدىكىلەرنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشكە سەپەرۋەر قىلدى. يىغىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە ھاسىل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  تېلېۋىزىيەلىك-تېلېفون يىغىنىدا ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئارقىدىن پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيى روھىنى ساياھەت تەرەققىيات سىستېمىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپسىنىڭ شۇجىسى يۈ خۈەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشتە ئالدى بىلەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم سىياسىي نۇقتىسى ھەم ساياھەتچىلىك خىزمىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. بىز چوقۇم يۈكسەك سىياسىي نۇقتىدا تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۇنى خىزمەتلىرىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات خىزمىتى بىلەن زىچ ماسلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە ھاسىل قىلىمىز.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەكبەر ئەكرەم مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەرمىللەت ساياھەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. بىز ئورگاندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى، يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندۇق. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەدنى ئۇنتۇماي، بۇرچىمىزنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلاپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى خىزمەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى، ساياھەت مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىلى ئوبلاستىنى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ساياھەتچىلىكتە يۇقىرى سەۋىيەدىكى، دۆلەت، خەلقئارا بويىچە داڭلىق ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر