باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى لى كېچياڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى باشلىقلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ۋە فىلىپپىندا زىيارەتتە بولىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگولۇق-چەت ئەللىك تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2017.11.07 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى باشلىقلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ۋە فىلىپپىندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگولۇق-چەت ئەللىك تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى چېن شياۋدۇڭ، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۇۋېن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە جۇڭگولۇق-چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  چېن شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، زۇڭلى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە مانىلادا ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى باشلىقلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، بۇ 20-قېتىملىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (1+10) باشلىقلار يىغىنى، 20-قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە (3+10) باشلىقلىرى يىغىنى ۋە 12-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە يىغىندىن كېيىن فىلىپپىندا زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زۇڭلى لى كېچياڭ يەنە شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى باشلىقلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (RCEP)باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  بۇ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىشى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم ھەرىكەت. بۇ قېتىملىق زىيارەت جۇڭگو-فىلىپپىننىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شەرقىي ئاسىيانىڭ رايون ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر