باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى بۇ بەش ناھىيە قانداق قىلىپ «نامراتلىق قالپىقى»نى ئاۋۋال چۆرۈپ تاشلىيالىدى؟

مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا، پىراكتىكانت جېڭ ياپېڭ

2017.11.06 14:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇش خەۋەر كەلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسىدىن ئىبارەت بەش ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدى.

  بۇ بەش ناھىيە قانداق قىلىپ شىنجاڭدا ئاۋۋال نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىيالىدى؟ «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ شىنجاڭدىكى باشقا نامرات ناھىيەلەر قانداق قىلغاندا 2020- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىغا قەرەلىدە يېتەلەيدۇ؟ بىز يۇقىرىقى سوئاللار بويىچە يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدۇق، شۇنداقلا «نامراتلىق قالپىقى»نى ئەمدىلا چۆرۈپ تاشلىغان بىرقانچە ناھىيەگە بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولدۇق.

  دىققەتنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، «ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش»

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ساۋ جىۋېن مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەزگىلىدە مەخسۇس يۆلەش مەبلىغىنى تولۇق، جايىدا ئىشلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسلىق بايلىق، كۈچلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بەش ناھىيە مەركەز بېكىتكەن «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ۋە «نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى كۆرسەتكۈچى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چىقىپ كېتىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىي خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادىل، باراۋەر، ئاشكارا بولۇش ئاساسىدا، يېزىلاردىكى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى «دەل» پەرقلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىق سەۋەبىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ چىقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئېھتىياجىنى ھەقىقىي تەھلىل قىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، ھەر بىر ھالقىدىكى خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ئىشىنى توغرا قىلىپ، يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر يۆلەشكە ئاساس سالدى.

  − نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئاساسىي جەڭگاھنى كۆزلەپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئاتتۇق. بۇنىڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق، − دېدى باركۆل ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن شياۋلۇڭ «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاش تەدبىرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ.

  تولى ناھىيەسى ناھىيەدىن يېزىغىچە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، ھاكىم دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچى بولۇپ يېزىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئاھالىلەرگە ياردەم بەردى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئورۇننىڭ شۇجىسى بىرلىكتە تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، مالىيە ئىدارىسى قاتارلىق ساھەلەرگە مەسئۇل ئون ئورۇن يەتتە يېزا- بازار بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى، يېزا- كەنتلەر قاتلاممۇقاتلام نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەدىسى بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئايرىم- ئايرىم ئەمەلىيلەشتۈردى.

  چىڭگىل ناھىيەسى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا ناھىيەلىك «سەمىمىيەت» مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاۋۋال 10 مىليون يۈەن كاپالەت فوندى تەسىس قىلىپ، يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى ئارقىلىق 10: 1 نىسبەتتە زورايتىپ، نامرات ئائىلىلەرگە كېپىلسىز، رەنىسىز قەرز پۇل بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش مەبلىغى قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ چاپچال ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مالىيە مەخسۇس مەبلىغى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئارقىلىق «تۆت بىر گەۋدە» نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تۈر مەبلىغىنىڭ بىرىكتۈرۈشتە ھەمتۈرتكىلىك ئۈنۈم شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈر مەبلىغىنىڭ رولىنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت خىزمەت مېخانىزمى ئەندىزىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر ماسلاشتۇرۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېزا- بازارلار كونكرېت تۇتۇش، كەنتلەر ئائىلىلەرگىچە دەل جايىدا يۆلەشتىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت «بەش دەرىجىلىك شۇجى» نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتىدىغان، ھەممە كىشى قاتنىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

  تۈرلەر بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، «نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش»

  بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن ئۇلانبېك ھەبدىل باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى خۇايۈەن يېزىسىنىڭ تۇداۋخېزا كەنتىدىكى ئاددىي چارۋىچى، شۇنداقلا بۇ كەنتتىكى 74 نامرات ئائىلە ئىچىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بېيىش باشلامچىسى.

  ئۇلانبېك ھەبدىل سەككىز يىل بۇرۇن تاسادىپىي ھادىسىگە ئۇچراپ، بىرنەچچە ئاي دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ، ھاياتى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ، مېيىپ بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا ئانچە باياشات بولمىغان بۇ ئائىلە قەرزگە بوغۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، يول تېپىشىپ بەردى، نەتىجىدە ئۇ ئىشنى سۈت سېتىشتىن باشلاپ، ھازىر سۈت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپلا قالماي، ئەتراپىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ بىرلىكتە بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ساۋ جىۋېن مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە كۆزلەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا بولۇشقا قويۇپ، يۆلەش ئوبيېكتى دەل جايىدا بولۇش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش دەل جايىدا بولۇش، مەبلەغ ئىشلىتىش دەل جايىدا بولۇش، تەدبىرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا بولۇش، كەنتلەرگە قاراپ كادىر ئەۋەتىش دەل جايىدا بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى دەل جايىدا بولۇشتىن ئىبارەت «ئالتە دەل جايىدا بولۇش» ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت «بەش بىر تۈركۈم» تەدبىرى بويىچە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، پىلانلىدى ۋە ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىياسەت يۈرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

  نىيە ناھىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئاۋۋال نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باشقا نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن تەرتىپلىك، ئۆلچەملىك قۇتۇلۇشىغا نەمۇنە بولۇپ ئۈلگە تىكلىدى. بۇ ناھىيە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، ناھىيەدىكى 34 كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 8 مىليون يۈەنگە، ھەر بىر كەنتنىڭ ئوتتۇرىچە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 235 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ساۋ جىۋېن مۇنداق دېدى: بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ۋە «نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى كۆرسەتكۈچى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىش» ئۆلچىمى ۋە تەلىپى بويىچە، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە قىيىنچىلىقلارنى يەڭسەكلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە چوقۇم ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ.

  مېخانىزم ئورنىتىپ، «نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇش»نى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

  ساۋ جىۋېن مۇنداق دېدى: «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاپ، نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى باسقۇچلۇق غەلىبە، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى باش نىشانىنىڭ بىر قىسمى. كېيىنكى قەدەمدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاچقۇچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق تەلەپ قويۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىغان بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا، سىياسەتنى كېمەيتىۋېتىشكە، ياردەم بېرىشنى توختىتىپ قويۇشقا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نامرات ناھىيەلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن مەلۇم مەزگىلگىچە دۆلەتنىڭ ئەسلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي، قوللاش سالمىقىنى كېمەيتمەي، ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون 2020- يىلىغىچە بولغان ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش نىشان- ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ، ئادەتتىن تاشقىرى بىر قاتار «بىرىكمە مۇشت» سىياسەتلىرىنى چىقاردى. بىر تەرەپتىن، يېزىلاردىكى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ئۇچۇر، سانلىق مەلۇماتلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. مۇشۇ ئاساستا، 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يولغا قويۇش پىلانى ۋە يىل بويىچە يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئۈچ يىللىق پىلانى ۋە يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2020- يىلىغىچە «نامراتلىق قالپىقى»نى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمەت مەسئۇلىيىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەل جايىدا يۆلەش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە بىرىكمە كۈچنى بىر تۇتاش شەكىللەندۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى باھالاش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت «سەككىز تۈرلۈك خىزمەت»نى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىدى.

  ئاپتونوم رايون شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۆلەش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەڭ قابىللارنى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا ئەۋەتىشتەك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلايدۇ ھەم خوتەن ۋىلايىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ قوماندانلىق ئىشتابىنى قۇرۇپ، 23 ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسى، 35 تەكشۈرۈش- چارلاش خىزمەت ئەترىتى قۇرۇپ، بىرىنچى سەپنىڭ دائىملاشقان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر