باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ۋىزا بېجىرىش مۇلازىمىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2017.11.08 13:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 6-نويابىر كەچتە ئىلگىرى كيىن بولۇپ كۆچمەن بولمايدىغانلارغا ۋىزا بېجىرىش مۇلازىمىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  6-نويابىر كەچتە، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باشقا جايلاردا تۇرۇشلۇق خىزمەتچى خادىملىرىنى تەكشۈرمەسلىك، ئەلچىخانىنىڭ ياللانما خادىملىرىنىمۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى دەپ قولغا ئالماسلىق توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە كاپالەت بەردى. بۇ كاپالەتكە ئاساسەن، ئامېرىكا ۋىزا بېجىرىش مۇلازىمىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلدى.

  تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى كەچتە بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ بىر قانۇنى دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىغا ھەر قانداق كاپالەتلەرنى بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر