- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قاتنىشى قۇرۇلۇشىغا 170 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىندى
2017.11.06 14:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
10- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قاتنىشى قۇرۇلۇش تۈرىگە جەمئىي 169 مىليارد 807 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 300 مىڭدىن كۆپرەك قاتناش قۇرغۇچىلىرى پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى. 10- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە 3602 تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، جەمئىي 169 مىليارد 807 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق پىلان، ۋەزىپىنىڭ %84.5ى ئورۇندالدى، بۇ 2016- يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق مەبلەغ سوممىسىنىڭ 4.7 ھەسسىسىگە باراۋەر.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى خۇڭبىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا قاتناش جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ يېڭى دەۋردىكى قاتناش جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش يېڭى سەپىرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قاتناش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 200 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر