خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 6- كۈنى، 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە مەخسۇس تېمىدىكى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا كەلگەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، پارلامېنت، پارتىيە، ئاقىللار ئامبىرى، ئالىي مەكتەپ ۋە تاراتقۇلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ساھە ۋەكىللىرىگە 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى ۋە تونۇشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى