باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىققا زەربە بېرىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك تايانچقا ئىگە قىلىش كېرەك

2017.11.07 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىققا زەربە بېرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 12-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىققا زەربە بېرىش خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم تايانچى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىققا زەربە بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى جازالاشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بازار مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغدىدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىق قىلىش تېخى يىلتىزىدىن يوقىتىلمىدى، تۈزەش خىزمىتىدە داۋاملىق بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئالاقە تورىنى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم تور پونكىتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توردا ۋە ئادەتتە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، يىپ ئۇچىنى ئۇقتۇرۇش، دېلو يۆتكەش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن زەنجىرلىك زەربە بېرىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاۋارلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 2-باسقۇچلۇق «تازىلاش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ چەت ئەلدىكى ئىناۋىتىنى قوغداش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر