باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالىد تىرامپ بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولىدۇ

2017.11.08 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالىد تىرامپ 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى.تىرامپ 1946-يىلى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1968-يىلى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋورتون سودا ئىنستىتۇتى ئىقتىسادشۇناسلىق باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن دادىسى قۇرغان ئۆي مۈلۈك كەسپى شىركىتىدە خىزمەت قىلغان. 1971-يىلى شىركەتنى قولىغا ئېلىپ، ئۆي زېمىن تەرەققىياتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى تەدرىجىي باشقا ساھەلەرگە كېڭەيتكەن. تىرامپ ئون نەچچە كىتاب يازغان، ئۇنىڭ تۇنجى تەرجىمىھالى «سودا سەنئىتى» ناملىق كىتاب ئىلگىرى يىللىق ئەڭ بازارلىق كىتاب بولۇپ باھالانغان.

  تىرامپ 2015-يىلى 6-ئايدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى سالاھىيىتى بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، 2016-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكىنىڭ 45-زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

  خانىمى مېلانىيە، ئۈچ ئوغلى، ئىككى قىزى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر