باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيادا نازىر دەرىجىلىك ئۈچ نەپەر كادىر ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2017.11.08 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتى يېقىندا نازىر دەرىجىلىك ئۈچ نەپەر كادىرنىڭ تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ خەۋەرنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

  نىڭشيا قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى شۈ شۆمىن تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى پارتكوم شۇجىسى شۈ شۆمىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ .

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جۇ شۇ تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونومرايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى،ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جۇ شۇ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  نىڭشيا مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، باش ئىنژېنېر سى جىتاۋ پارتىيەدىن چىقىرىۋېتىلدى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن قوغلاندى قىلىندى

  يېقىندا، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، باش ئىنژېنېر سى جىتاۋنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق،سى جىتاۋ پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ،باشقىلاردىن ھۆرمەت پۇلى ئېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پايدا ئالىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، سودا قىلىپ كارخانا قۇرغان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان؛ دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن،ھەمدە تەلەپ قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، باشقىلاردىن نۇرغۇن مال-مۈلۈك يىغىۋالغان.نەتىجىدە، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى پارا ئېلىش جىنايىتىنى سادىر قىلغان جىنايەت گۇماندارى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر