باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان "چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بورىنى» چىقتى، 11 نەپەر شاھزادە قولغا ئېلىندى

2017.11.07 17:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەل سەئۇدى 4-نويابىر ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سالمان رەئىسلىكىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەڭ ئالىي كومىتېتىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى كەچتە، ئەلۋەلىد بىن تالالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 شاھزادە ۋە 38 نەپەر نۆۋەتتىكى ۋەزىر، سابىق ۋەزىرلەر قولغا ئېلىندى.

  سەئۇدى ئەرەبىستان مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بورىنى» سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئاشكارا، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىرىدۇ.

  بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بورىنى»دا قولغا ئېلىنغان شاھ قەسىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەمەلدارلار مۇھەممەدنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللىمايدىكەن.

  «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بورىنى»

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى سالمان 4-نويابر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەڭ ئالىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. خان ئوردىسى چۈشۈرگەن ئەمىر-پەرماندا مۇنداق دېيىلدى: «ئەگەردە پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشىنى يىلتىزىدىن يوقىتالمىساق، دۆلەتمۇ قايتا مەۋجۇد بولمايدۇ.»

  يېڭىدىن قۇرۇلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەڭ ئالىي كومىتېتى چىرىكلىككە، پارىخورلۇققا ئائىت دېلونى تەكشۈرۈش، قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىمزالاش، گۇماندارنىڭ دۆلەت سىرتىغا چىقىشىنى چەكلەش ۋە گۇماندارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق ئىشلارغا تولۇق ھوقۇقلۇق بولۇپ، بۇ ئاپپارات بۇ يىل 6-ئايدا ۋەلىئەھدى قىلىپ تەيىنلەنگەن مۇھەممەتنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدىكەن.چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەڭ ئالىي كومىتېتى قۇرۇلغان كۈنى كەچتە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ باي سودىگەر شاھزادىسى ئەلۋەلىد، سابىق مالىيە ۋەزىرى ئىبراھىم ئەسەف، رىياد ئۆلكىسىنىڭ سابىق ئۆلكە باشلىقى تۈركى بىن ئابدۇللاھ قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم خادىملىرى قولغا ئېلىنغان.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كەسىپىدىكى بىر ئۇچۇر بەرگۈچى كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شەخسىي ئايروپىلانلارنىڭ ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلىشىنى مەنئى قىلدى، بۇ ئارقىلىق دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ چېگرادىن ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.ئۇندىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستان مىللىي قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ قوماندانى مىتەب بىن ئابدۇل، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ئابدۇللاھ بىن سۇلتان بىن مۇھەممەد سۇلتان 4-نويابىر پادىشاھ سالمان تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، بىراق خان ئوردىسى بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

  «مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالەتتە»

  ئامېرىكا رايس ئۇنىۋېرسىتېتى بېك ئاممىۋى سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى كىرىستىيان ئۇرلىكسوننىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بورىنى»نىڭ دائىرىسى كەڭ، كۆلىمى چوڭ بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان ئىكەن.

  بولۇپمۇ 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كاپىتالغا ئىگە ئەلۋەلىدنىڭ قولغا ئېلىنىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ شاھزادە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى پاي كونتىرول شىركىتىنىڭ %95 پېيىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، پادىشاھلىق پاي كونتىرول شىركىتىنىڭ 5-نويابىردىكى پاي بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىنكى پاي باھاسى %9.9 چۈشكەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى مالىيە مىنىستىرلىقى «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بورىنى» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللىغان. بۇ مىنىستىرلىق: بۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئاشكارا، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان يېڭى دەۋرگە ئېلىپ كىرىدۇ، ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ھازىرلاپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇھىتىغا نىسبەتەن ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر