بۇ، 19- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا سانائەت كۆرگەزمىسى ئالىي مەكتەپلەر كۆرگەزمە رايونىنىڭ نەق مەيدانى (7- نويابىر فوتوسى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، 19- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا سانائەت كۆرگەزمىسى شاڭخەيدە رەسمىي جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ئالىي مەكتەپ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 68 ئالىي مەكتەپتىن ماتېرىيال، ئېنېرگىيە مەنبەسى، داۋالاش، قاتناش ۋە ماشىنا ئادەم قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئەڭ يېڭى پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرى ئېلىپ كېلىنگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى