باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى بىر شاھزادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئادەم قازا قىلدى

2017.11.06 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: قازا قىلغان شاھزادىنىڭ بۇرۇنقى سۈرىتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىر شاھزادىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرنەچچە ئەمەلدارى چىققان تىك ئۇچار ئايروپىلان شۇ كۈنى كەچتە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەن چېگراسىغا يېقىن ئاشىر ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندىكى شاھزادە، ئىككى ئايروپىلان خادىمى ۋە تۆت نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق ۋەلىئەھدىسى مۇكلىننىڭ ئوغلى، ئاشىر ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى مەنسۇر بىن مۇكلىن شۇ كۈنى بىر نەچچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ھەمراھلىقىدا تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ، تاغلىق رايوندىكى بىر كىچىك شەھەرگە بېرىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ھازىر ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياد خەلقئارا ئايرودرومى تەرەپكە قارىتىپ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ھەمدە ۋەيران قىلىنغان، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلمىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قۇسەي قوراللىقلىرى پات-پات سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئاشىر قاتارلىق يەمەن بىلەن تۇتىشىدىغان ئۆلكىلىرىگە زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۆزلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئالغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر