باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى

280 ئورۇن ھېلىمۇ بوش تۇرماقتا

2017.11.07 17:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، 2018-يىللىق دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 8-كۈنىگە قەدەم قويدى. بۈگۈن سائەت 16گە قەدەر، 763 مىڭ 142 كىشى تىزىملىتىش سىستېمىسىنىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ئوتتۇرىچە رىقابەتلىشىش نىسبىتى 1:26.7 بولۇپ، بۇلتۇرقى نىسبەتتىن ئازراق تۆۋەن بولدى. بۇ، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشنىڭ تەكشى، تەرتىپلىك ئىكەنلىكىنى، قوبۇل قىلىش سىستېمىسى لايىھەلىنىشىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. نۆۋەتتە، 15 مىڭ 864 خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا تەسىس قىلىنغان ئومۇمىي خىزمەت ئورنىنىڭ %98.2 ىنى ئىگىلىدى، لېكىن يەنە 280 ئورۇنغا ھازىرغىچە بىرمۇ ئادەم تىزىملاتمىدى.

  «2018-يىللىق دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانى»دا بەلگىلىنىشىچە، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلار تىزىملىكى يازمىچە ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تىزىلىش تەرتىپى بويىچە بېكىتىلىدىغان بولۇپ، يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش نىسبىتى 1:3، 1:4، 1:5 نىسبەت بويىچە بولىدىكەن. ھازىرغا قەدەر، يەنە 2496 خىزمەت ئورنى يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىش نىسبىتىگە يەتمىگەن. جۇڭگو ئاممىۋى مائارىپىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ 2946 خىزمەت ئورۇنى ئىچىدە، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىش نىسبىتىگە يېتەلمىگەن ئەڭ كۆپ خىزمەت ئورنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بولۇپ، جەمئىي 224ى بار ئىكەن. ئۇندىن قالسا لياۋنىڭ ئۆلكىلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسى ۋە خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم 119 ۋە 108 ئىكەن.مەركەز پارتىيە ئورگانلىرى ئىچىدە ئىمتىھان ئېلىش نىسبىتىگە يەتمىگەن خىزمەت ئورۇنلىرىدىن 11ى، مەركەز دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ئىچىدە ئىمتىھان ئېلىش نىسبىتىگە يەتمىگەن خىزمەت ئورۇنلىرىدىن 19ى بار بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق تىزىملىتىلغان.

  غەربىي شىمالىي قىسىم ۋە جاپالىق چەت-ياقا رايونلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن يەنە 903ى يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولغان، بۇ ئورۇنلار ئاساسلىقى ناھىي (رايون) دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئورۇنلارغا مەركەزلەشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر