باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو كىتابلىرى ئىستانبۇل خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى

2017.11.06 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 نەچچە پارچە جۇڭگو كىتابلىرى 4- چېسلا 36- نۆۋەتلىك ئىستانبۇل خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

  ئىستانبۇل خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيەدە، ھەتتا ئوتتۇرا شەرقتىكى رايونلاردا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، خەلقئارا تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان كەسپىي كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە جۇڭگو مائارىپ كىتاب ئىمپورت- ئېكسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا، بۇ كۆرگەزمىگە خەلق مائارىپ نەشرىياتى، ئىلىم-پەن نەشرىياتى ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ توققۇز تۈر ۋە 400 نەچچە پارچە كىتابى ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، «شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا»، «جىجياڭنىڭ يېڭى ھېكايىسى» ۋە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» قاتارلىق ئەسەرلەرمۇ مۇشۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان، ھەمدە ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە جۇڭگونىڭ قىممەت قارىشىنى ئاساسىي تېما قىلغان باشقا تۈرىدىكى كىتابلارمۇ كۆرگەزمە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر