باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ تەشۋىق قىلايلى

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى تيەنجىن، شاڭخەي، جياڭشى، گۇاڭدۇڭدا لېكسىيە سۆزلىدى

2017.11.06 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دوكلات يىغىنى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نوپۇس، بايلىق، مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ شاۋشى لېكسىيە سۆزلىدى. دوكلات يىغىنىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجى رىياسەتچىلىك قىلدى، تيەنجىندىكى ھەر ساھە كادىرلار، ئاممىدىن 1800دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى. تيەنجىننىڭ 16 رايونىدا تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، تۈمەنلىگەن كىشى دوكلاتنى يىراقتىن ئاڭلىدى.

  شۈ شاۋشى جانلىق، يېڭى سانلىق مەلۇمات ۋە مىساللاردىن پايدىلىنىپ ئېلىمىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلىرى ۋە ئۆزگىرىشنى يىغىنچاقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، يادرولۇق مەزمۇنى ۋە مۇھىم تارىخىي تۆھپىسىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى قاتارلىق ھۆكۈملەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

  دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۈ شاۋشى مۇنبەردىن چۈشۈپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىرلەشتى. شۈ شاۋشى مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا بېرىپ كوللېكتىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى قايتا ئەسلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 89 مىليون پارتىيە ئەزاسىغا جانلىق پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر