باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى توققۇز ئايدا تاموژنىلار 2601 ئەتكەسچىلىك جىنايىتى دېلولىرىنى پاش قىلدى

2017.11.06 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنا باش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تامۇژنىلار 2601 ئەتكەسچىلىك جىنايىتى دېلولىرى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ پاش قىلىشنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، باجغا چېتىشلىق ئەتكەسچىلىك جىنايىتى دېلولىرىدىن 1340ى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ پاش قىلىندى، يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئەتكەس قىلىشتەك جىنايەت دېلولىرىدىن 398ىمۇ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ پاش قىلىندى، ھەمدە ئۇنىڭ دېلو قىممىتى ئالتە مىليارد 804 مىليون يۈەن بولدى؛ تەييار ماي ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى دېلوسىدىن 185ى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ پاش قىلىندى، ئۇنىڭ دېلو قىممىتى بەش مىليارد 740مىليون يۈەن بولدى؛ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى دېلولىرىدىن 125ى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ پاش قىلىندى، ئۇنىڭ دېلو قىممىتى ئىككى مىليارد 120 مىليون يۈەن بولدى.

  شۇ مەزگىللەردە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تامۇژنىلار باجغا چېتىشلىق بولمىغان ئەتكەسچىلىك جىنايىتى دېلولىرىدىن 1261ىنى دېلو تۇرغۇزۇپ پاش قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى دېلولىرىدىن 218ى پاش قىلىنغان؛ زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايى دېلولىرىدىن 474ى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ پاش قىلىندى، تۈرلۈك زەھەرلەردىن 2.07 توننا زەھەر قولغا چۈشۈرۈلدى؛ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى دېلولىرىدىن 82ى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ پاش قىلىندى، پىل چىشى، تاغ تېشەر قېپى، سەندەل ناررا دەرىخى قاتارلىق ئەتكەس قىلىنغان ئەتىۋارلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملاردىن 30 توننا زاڭ مال قولغا چۈشۈرۈلگەن؛ قاتتىق تاشلاندۇق ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى دېلوسىدىن 181ى پاش قىلىنىپ، دېلوغا چېتىشلىق بولغان تاشلاندۇقتىن 28.45 توننىسى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر