باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى ۋە ئىزچىللاشتۇرايلى

ليۇ يۈنشەن

2017.11.06 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە ياراتقان يېڭىلىقلىرى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە يىغىنچاقلاندى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىدە يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ زور تارىخىي تۆھپىىسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشى، ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور رىئال ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە مول مەزمۇنىپارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركىسىزم-لېنىنزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلىگىرىلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزىم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر شارائىتى ۋە ئەمەلىي تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈنلەي يېڭى نەزەر بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە جاپالىق ئىزدىنىپ ۋە زور ئىجادىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تىكلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر