باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدۇ

2017.11.06 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى تەشكىلىي كومىتېتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئورگان تورىدا «4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى ۋۇجېن بازىرى باشلىقلار يىغىنى»نىڭ 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن بازىرىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا «رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش − قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، يەر شارى دائىرىسىدىكى ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار، كارخانىلار، تېخنىكا ئىجتىمائىي توپلىرى ۋە ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقە تورى باشلامچىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئىلغار تېخنىكا، ئالاقە تورى ۋە جەمئىيەت، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىقلار چۆرىدىلىپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

  3-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىدا ئالاقە تورى ساھەسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن ئالدىنقى ئورۇندىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئېچىلغان كۈنىدە، ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ئىلغار پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى جۇڭگو دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تور بوشلۇقىدىكى پەرققە ھۆرمەت قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشۇپ، ئالاقە تورى گۈللەنگەن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە نەتىجىلىرىدىن ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر