باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق بىرلىشىپ، ئۆي سېتىۋىلىشتىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇردى

بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆيگە ئالدىن تۆلىنىدىغان قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدۇ

2017.11.06 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى خەلق بانكىسى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئۆي سېتىۋىلىشتىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆي-زېمىنچىلىق ساھەسىدىكى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتكەن.

  بۇ، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۆي-زېمىن ئېچىش تەرەققىيات شىركەتلىرى، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆي سېتىۋىلىشتىكى ئالدىن تۆلىنىدىغان پۇل بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قەتئىي چەكلىنىدۇ؛ ئىنتېرنېت تورى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش شىركەتلىرى «ئالدىن تۆلىنىدىغان قەرز پۇل» قاتارلىق ئۆي سېتىۋىلىشتىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ. ئۆي-زېمىن سېلىشنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سىرتتىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە قەتئىي بولمايدۇ؛ شەخسىي ئۇنىۋېرسال ئىستېمال قەرز پۇلىنى ئۆي سېتىۋىلىشقا ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئۆي سېتىۋىلىشتىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن تەمىنلەش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقى كۈچەيتىلىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى، ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرى قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ۋە ئىناۋىتى يوق كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، بانكا كەسپىي جەمئىيىتى ۋە بانكا كەسپىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا يوللاپ بېرىلىدۇ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىنتېرنېت تورى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىنتېرنېت تورى پۇل مۇئامىلە خەۋپىنى مەخسۇس تۈزەشتىكى نۇقتىلىق ئوبېيكت قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئىنتېرنېت تورى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش شىركەتلىرى قاتارلىق ئاپپاراتلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانسا، ئۇچۇرى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر