باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كانادا ھۆكۈمىتى ئۈچ يىل ئىچىدە بىر مىليون كۆچمەن قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى

كانادانىڭ گۈللىنىشىنى قوغداشتا كۆچمەنلەردىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدۇ

2017.11.03 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىش مەسىلىسى ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرگە تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كانادا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا تەخمىنەن بىر مىليون كۆچمەن قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

  كانادا كۆچمەنلەر ئىشلىرى بىيۇروسىىنىڭ باشلىقى ئەھمەد خۇسىن 1- چېسلا مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى كاناداغا كۆچۈپ بارىدىغانلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 310 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ كۆچمەنلەر ئىقتىسادىي كۆچمەنلەر، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدىغان كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ كۆرسەتكۈچ بويىچە، 2019- يىلى ۋە 2020- يىلى كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 330مىڭ ۋە 340 مىڭغا يەتكۈزمەكچى بولىۋاتىمىز.

  كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى كۆچمەنلەرنى سىغدۇرۇشتىكى «ئەڭ ئۇلۇغ بىر تارىخىي پىلان» دەپ قاراۋاتقان بۇ خىل قارىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ پىلان كانادانىڭ «ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى گۈللىنىشى»گە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

  خۇسىن سومالىلىق بىر كۆچمەن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز كۆز قارىشى ئارقىلىق، كۆچمەنلەر بايلىقنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكى بولۇپ قالىدۇ، دەيدىغان باشقىچە كۆز قاراشلارغا رەددىيە بېرىپ، كۆچمەنلەر يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بولۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پايدىلىق، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر