باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇيجۇدىكى بىر ناھىيە دەرىجىلىك شەھەردە خىزمەت ۋاقتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى

ھەر ئايدا 22 كۈن ئىشلەپ، ئۇدا سەككىز كۈن دەم ئېلىنىدۇ

2017.11.06 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر ئايدا بىر قېتىم سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىش بار، لېكىن بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئۇدا 22 كۈن ئىشلەش كېرەك.

  يېقىندا، گۇيجۇ ئۆلكىسى چىڭجېن شەھىرىنىڭ بىر تۈرلۈك خىزمەت ۋاقتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. شۇ جايدا، 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، شەھەر بويىچە توققۇز يېزا-بازاردىكى قىسمەن ئىش ئورنىدا بۇ تۈرلۈك خىزمەت سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ.

  «ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق، يەنىلا بىر ھەپتىدە ئىككى كۈن دەم ئالغان ئەڭ ياخشى».

  «ھەر ئايدا بىر قېتىم ئالتۇن ھەپتىلىك بار ئىكەن، ماڭىمەن دەپلا چىقىپ ساياھەت قىلغىلىمۇ بولىدىكەن»...

  خەۋەر چىقىشى بىلەنلا، نۇرغۇن تورداش مۇزاكىرىنى باشلىۋەتتى. بۇنىڭغا قارىتا، چىڭجېن شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇقتىدا سىناق قىلىشتا «ۋاقت پەرقى»دە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ «خىزمەتچى»لەرنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بولۇش، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى قاتارلىق ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىش بېجىرىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  بۇ شەھەر تارقاتقان ھۆججەتتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك لازىم، ئومۇمىي جەھەتتىن ھەر ئايدىكى ئىشقا چىققان ۋاقىت 22 كۈن، 176 سائەتتىن كەم بولسا بولمايدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش داۋامىدا، ھەر قايسى يېزا-بازارلار كۈندۈزى ۋە دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىگە تاقىشىپ قالمايدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنتلەرگە، ئامما ئارىسىغا پائال چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلاردىن ھال سوراپ، سىياسەت تەشۋىقاتى، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، پۈتۈن مۇساپىلىق ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

  سىرتنىڭ بۇ ئىسلاھاتنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغان- بولمىغانلىقى ھەققىدىكى گۇمانىغا قارىتا، شۇ جايدىكى خىزمەتچى خادىملار چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت مەمۇرلىرى قانۇنى»نىڭ 76-ماددىسىدا، مەمۇرلارغا قارىتا دۆلەت بەلگىلىگەن ئىش ۋاقتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئۇلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوتپۇسكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مەمۇرلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىش كۈنىدىن سىرت ئىشلىگەنلىرىگە مۇناسىپ دەم ئېلىش بېرىلسە بولىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يەنىلا دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەملىك ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، پەقەت ۋاقىتنى كېسىشتۈرۈش-كېچىكتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئالماشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر