باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرەيلى، يېڭىچە غەيرەت بىلەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيلى

2017.11.03 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، 2549-قېتىملىق پويىز ئەنشەن پويىز بېكىتىگە ئاستا كىرىپ كەلدى.

  بىر قۇر ئىش كىيىمى كىيگەن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى گو مىڭيى پويىزدىن چۈشتى، ئۇنىڭ قولىدا ئۇنىڭ «گۆھىرى» __ «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى» قاتارلىق ئۈچ پارچە ماتېرىيال تۇراتتى.

  بىر كۈن بۇرۇن، 19-نۆۋەتلىك 1-ئومۇمىي يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گو مىڭيى كېچىلەپ 2549-قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئەنشەنگە ماڭدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشچى بۇرادەرلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىدىغان نۇرغۇن تەسىراتىم بار، ئازراقمۇ ساقلىسام بولمايدۇ.

  پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن، گو مىڭيى ئۆيىگە بېرىپ دىدارلىشىشقىمۇ ۋاقىت چىقارماي، ئىشچىلار ئايىغىنى كىيىپ، بىخەتەرلىك قالپىقىنى تاقاپ، ئۇدۇل قېزىش مەيدانىغا يۈرۈپ كەتتى.

  - «لاۋ گو قايتىپ كەپتۇ!»-، گو مىڭيىنى كۆرگەن ئىشچىلار تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە بەس-بەس بىلەن 19-قۇرۇلتاي توغرىسىدا لاۋ گودىن سوئال سورىدى.

  - نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىسا قانداق بولىدىكەن؟

  - 19-قۇرۇلتاي بىز ئۈچۈن زادى قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن؟

  - لاۋ گو، بىز مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتىدىكىلەر كېيىنكى قەدەمدە زادى قانداق قىلىمىز؟

  .........

  - «پۇختا، نىشانى ئېنىق، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان يىغىن بولدى!»-، لاۋ گو 19-قۇرۇلتاي ئۈستىدە توختالغاندا، بىر نەپەس بىلەنلا شۇنداق دېدى. - «19-قۇرۇلتاينىڭ ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان يېرى «خەلق ھېسىياتى» بولدى، دوكلاتتا ‹ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ تەڭ قەدەمدە ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئەمگەك ھەققىنى تەڭ قەدەمدە ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش› ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىزنىڭ ئەنشەن پولات-تۆمۈر زاۋۇتى ئەمدى بارغانسىرى ياخشى بولىدۇ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى ئاشىدىغان بولدى. كۆپچىلىك ئەقىل پاراسىتىمىز ۋە چىدام غەيرىتىمىزنى ئىشقا سالايلى، كاندىن كۆپرەك مەھسۇلات ئېلىپ، تەننەرخنى ئازايتساق، كارخانىنىڭ ئۈنۈمى ئاشسا، كۆپچىلىك كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ.»

  «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا، بىرسىمۇ كام بولۇپ قالماسلىق؛ ئورتاق باي بولۇش يولىدا، بىرسىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق»، ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش __ بۇ، گو مىڭيى مېھىر-شەپقەت ئەترىتىنىڭ ئارزۇسى. بۈگۈنكى كۈندە، گو مىڭيىنىڭ مېھىر-شەپقەت ئەترىتىنىڭ 1000دىن ئارتۇق تارماق ئەترىتى، 1 مىليون 800 مىڭغا يېقىن پىدائىيسى بار بولدى. لاۋگو مېھىر-شەپقەت ئەترىتىدىكىلەرنى يەنىمۇ تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېھىر-شەپقەت ئەترىتى يەنە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى سەپداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلىشى، يەنە نامراتلىقنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشى، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى ۋە كۈچىنى قوشۇشى لازىم. پەقەت ھەر بىر ئادەم ئازراق مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاتا قىلسىلا، بۇ دۇنيا تېخىمۇ گۈزەللىككە تولىدۇ.»

  لاۋ گو نىڭ سۆزى ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە ئوخشاش ئاددىي، ھەقىقىي، قىزغىن ۋە غەيرەتكە تولغان ئىدى. ئىشچى دەن شىچۈن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: - «تۇرالغۇ ئۆي، داۋالىنىش، مائارىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ھەممىسى بىز پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار، قۇرۇلتايدا دەل بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكىنى ئېيتىپتۇ، گۈزەل تۇرمۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ئاشتى!»، «يېڭى دەۋردە

  يېڭى قىياپەت بولۇشى، يېڭى نەتىجىلەر بولۇشى كېرەك. بىز يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز!»- ئىشچىلار ۋە لاۋ گو پاراڭلىشىش جەريانىدا، بارغانسىرى غەيرەتكە تولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر