باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)

ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2017.11.03 15:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇلۇغۋار پىلان ئارقىلىق ئەلنى مايىل قىلىپ، جاپاغا چىداپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ، دۆلەتنى قۇرۇش، گۈللىنىشكە يۈرۈش قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىسى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئاساسىدا ئىككى قەدەم بويىچە مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشى ۋە ئىلمىي پىلانىنىڭ گەۋدىلىك نامايەندىسى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ۋەزىپىنامىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ لىنىيە خەرىتىسى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا بۇ ئىككى يېڭى نىشاننى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، بوشاشماي، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ ئۇلۇغ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش − يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي لىنىيە. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قىلغانىدى. خەلقنىڭ كىيىنىش- تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى نىشان ئايرىم- ئايرىم ھالدا 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مۇشۇ ئاساستا، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ناھايىتى ئالاھىدە بولغان بەش يىلنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك، ئىجادىي تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى.

  ۋەزىيەت ۋەزىپىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن 20- قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىسىدە تۇرۇپ، خەلقئارا- دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا، يەنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا يەتمەكچى بولغان تەرەققىيات سەۋىيەسىگە 2035- يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇساپە 15 يىل قىسقارتىلدى؛ 2035- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان كۈرەش نىشانى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، دەپ بېكىتىلدى. ئىككى قەدەم بويىچە مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى نىشانى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسىنى شەرھلەپ بەردى.

  ئارزۇ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھازىردىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان مەزگىل. قالغان ئۈچ يىلدا 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلقنى ئىقتىساد تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان، دېموكراتىيە تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان، پەن- مائارىپ تېخىمۇ راۋاجلانغان، مەدەنىيەت تېخىمۇ گۈللەنگەن، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناق بولغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلانغان ھاللىق جەمئىيەتكە تەڭ قەدەم قويغۇزۇش جەزمەن ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. پارتىيە 16- ، 17- ، 18- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلەر بويىچە، 19- قۇرۇلتايدىكى ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن- مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئىھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  يېڭى نىشان بېكىتىلدى، يېڭى مۇساپە باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز يەڭنى تۈرۈپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، «ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك» دېگەن روھ بويىچە يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرگە تىرىشىپ ئاتلانساق، چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە كاتتا تارىخىي داستانلارنى پۈتۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر