باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى بىر چېركاۋدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 27 ئادەم قازا قىلدى

2017.11.06 15:57   مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى بىر چېركاۋدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 27 ئادەم قازا قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇتېرلاند سپرىنگس بازىرىدىكى بىر چېركاۋدا 5-نويابىر ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. ساقچى تەرەپنىڭ شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا دەلىللىشىچە، ئېتىشىشتا ئاز دېگەندە 27 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

  شۇ يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئاز دېگەندە 27 ئادەم شۇ كۈنى چېركاۋدىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغان، يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. ساقچى دائىرىلىرى چېركاۋغا كىرىپ ئوق چىقارغان ئەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

  ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى بىرەيلەن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بىر ئەر شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا چېركاۋغا كىردى ھەمدە چېركاۋ ئىچىدىكىلەرگە ئوق چىقاردى.

  نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، يارىدارلارنى داۋالىتىش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.

  سۇتېرلاند سپرىنگس بازىرى ئامېرىكىدىكى تۆتىنچى چوڭ شەھەر خىيوستۇننىڭ غەربىگە تەخمىنەن 300 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…
    ·كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرىمىز
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ