باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە بىر يىل قالغان ۋاقىتنى ئازايتىپ ساناش باشلاندى

200دىن ئارتۇق خەلقئارا سودا شېرىكلىرى تەكلىپ قىلىندى

2017.11.06 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە بىر يىل قالغان ۋاقىتنى ئازايتىپ ساناشنى باشلاش مۇراسىمى 5- چېسلا بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۆرگەزمە 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە جۇڭگو دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزى (شاڭخەي)دە ئۆتكۈزۈلۈشكە بېكىتىلدى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇڭ شەن بېيجىڭدىكى باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كۆرگەزمىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە يېڭى باسقۇچتا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، جۇڭگو ئۆز بازارلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنياغا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم بىر تەدبىرى بولۇپ، ئۇ، جۇڭگونىڭ ئىشەنچىسىنى ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش بولسا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ھەرىكىتى، ھەمدە كۈچلۈك بولغان سودا دۆلىتى قۇرۇشنى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى تەدبىر ھېسابلىنىدۇ، ھەم شۇنداقلا، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر