باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«يىپەك يولى ئامېرىكا قىتئەسى مۇنبىرى» لوس ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى

2017.11.06 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يىپەك يولى ئامېرىكا قىتئەسى مۇنبىرى» 11- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو، ئامېرىكا، كانادا ۋە پاناما قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سىياسىي ساھەلىرى، سودا ساھەلىرى ۋە ئاقىللار ئامبىرى دېگەندەك ساھەلەردىن كەلگەن تەخمىنەن 200 نەپەر مېھمان بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  جۇڭگونىڭ لوس ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت باش كونسۇلى سۈن لۇشيەن شۇ مۇنبەردە سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بولسا، جۇڭگو ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگەدۇر، ئۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور پۇرسەتنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى بولسا، ئىقتىسادىي ـ سودا سېلىنما، پاكىز تېخنىكا، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسراش، بىيو دورا، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋە ئالاقە تورى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، ھەمدە ئۇ يەردە يەنە چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەر تەرەققىياتىنىڭ پىلانى يولغا قويۇلدى. سۈن لۇشيەن يەنە مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى: ئامېرىكا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشتەك پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلاپ قېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش پۇرسىتى ئۈستىدە پائال تۈردە ئىزدەنسە ئىكەن.

  ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا مەھكىمىسىنىڭ سودا مەخسۇس خادىمى باخې، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ۋە ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېنېرگىيە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى كارلو قاتارلىق ئامېرىكا ۋەكىللىرى، ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى فېدېراتسىيەدىن تاكى كالىفورنىيە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتكىچە بولغان ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ سودا تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ۋە كەلگۈسى ھەمكارلىق ئىستىقبالى قاتارلىق جەھەتلىرى بويىچە تونۇشتۇرۇپ چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر