باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەلقئارا بامبۇك چىۋىقچىلىقى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.11.07 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا بامبۇك چىۋىقچىلىقى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم بامبۇك چىۋىقچىلىقىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ۋە جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى مىنىستىر دەرىجىلىك باشلىقلار مۇنبىرى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا بامبۇك چىۋىقچىلىقى تەشكىلاتىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقئارا بامبۇك چىۋىقچىلىقى تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، دۇنيا بامبۇك چىۋىقچىلىقى بايلىقىنى ئېچىشنى تېزلىتىش، بامبۇك چىقىدىغان رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش-قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بامبۇك چىۋىقى مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى گۈللەندۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە كۈچ چىقىرىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو خەلقئارا بامبۇك چىۋىقچىلىقى تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق قوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرىنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدۇ.

  خەلقئارا بامبۇك چىۋىقچىلىقى تەشكىلاتى 1997-يىلى قۇرۇلغان، ئۇ جۇڭگودا تەسىس قىلىنغان تۇنجى ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلات.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر