11- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى سۇتېرلاند ئىسپرىنگس شەھىرىدە، ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدا تەكشۈرۈش خادىملىرى ئىسپات ئىزدىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئەمەلدارى 6- چېسلا مۇنداق دېدى: سۇتېرلاند ئىسپرىنگس شەھىرىنىڭ چېركاۋىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدىكى يارىلانغۇچىلار ئىچىدە يەنىلا 10 ئادەم تېخى ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلمىغان. شۇ جاي ۋاقتى 5- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، بىر نەپەر قوراللىق كىشى تېكساس ئىشتاتى سۇتېرلاند ئىسپرىنگس شەھىرىدىكى بىر چېركاۋ سىرتى ۋە ئىچىدە ئوق ئاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاز دېگەندىمۇ 26 ئادەم قازا قىلغان، تەخمىنەن 20 ئادەم يارىلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى