باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشتەك روشەن يۆنىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.11.06 08:37   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشتەك روشەن يۆنىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باش قوماندانى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئېنىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى.

  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي تەلىم، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باش قوماندانى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئېنىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا 1- قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، جەزمەن جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشتىن ئىبارەت ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش جەھەتتە زور يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئارمىيەمىزنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش مەسىلىسىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئەتىسىلا ھەربىي كومىتېتنىڭ 1- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھەربىي كومىتېت بەنزىسى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ھەربىي فورما كىيىپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزى بىناسىغا كەلدى. ئۇ ھەربىي كومىتېت بەنزىسىدىكى يولداشلارنى يېتەكلەپ، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ، ھەربىي كومىتېت جەزمەن ئۇرۇش قىلىشنى بىلىشى، تاكتىكىغا ماھىر بولۇشى، قوماندانلىق قىلالىشى، ھەربىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرى باشلىنىشى بىلەنلا ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش قوماندانلىق تايىقى تىكلىنىشى كېرەك. بۈگۈن مەن پوزىتسىيەمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن، ھەربىي كومىتېتتىن باشلاپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيەمىزنى ھەقىقىي تۈردە جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى، ۋەزىپىسىنى زىممەمگە ئېلىش مەقسىتىدە ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىگە كەلدىم.

  ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىدە ھەرقايسى قىسىملارنىڭ مەشىق فورمىسىنى كىيگەن نۆۋەتچى خادىملار جىددىي، تەرتىپلىك ئالدىراپ يۈرەتتى. شى جىنپىڭ ھەرقايسى ئورۇنلارنى بىر- بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، نۆۋەتچى خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزى − ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىي قوماندانلىق تۈگۈنى، ھەر كۈنى زور تۈركۈمدىكى ھەربىي ھەرىكەت بۇيرۇقى مۇشۇ يەردىن بېرىلىدۇ. شى جىنپىڭ بۇلتۇر 4- ئايدا بۇ يەرنى ئالاھىدە كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. شى جىنپىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزى قولغا كەلتۈرگەن نۇرغۇن يېڭى يۈكسىلىشلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى، كۆپچىلىكنى يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ سائەت 10 ئۆپچۆرىسىدە ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىدىكى باش قوماندانلىق ئورنىدا ئولتۇرۇپ، 1- سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قىسىمدىكىلەر بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئالاقىدار قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر بىلەن سۆزلەشتى. كۈندىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىقى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئالاقىدار كاپالەت خىزمىتى قانداق ئىشلىنىۋاتىدۇ؟ يەنە قانداق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلار بار؟ شى جىنپىڭ بۇلارنى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ كۆپچىلىككە يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشنى تاپىلىدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ سىن ئارقىلىق جىبۇتىدا تۇرۇشلۇق كاپالەت بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ بازا ئارمىيەمىزنىڭ چەت ئەلدىكى تۇنجى كاپالەت بازىسى ئىدى، شى جىنپىڭ بازىنىڭ قۇرۇلۇش، مەشغۇلات ئەھۋالى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، مەشىق قىلىش ئەھۋالى ۋە ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنى جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قىسىملاردىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر بىردەك: بۇرچىمىزنى جەزمەن ئادا قىلىپ، ئۈمىدنى ئاقلايمىز، رەئىس خاتىرجەم بولۇڭ، ۋەتەن ۋە خەلق بىزدىن خاتىرجەم بولسۇن! دېدى.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي تەلىم، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي تەلىم، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز چوڭ دۆلەتتىن قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئۆتۈشتىكى تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىستىقبالىمىز ناھايىتى پارلاق، خىرىسمۇ ناھايىتى كەسكىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاسانلا، داقا- دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ھەربىي كۈرەش ئۇلۇغ كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىم تەرىپى، جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدار. پۈتۈن ئارمىيەدىكىلەر كۈلپەت ئېڭى، كىرىزىس ئېڭى، جەڭ قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن دىققىتىنى جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ھەرقايسى يۆنىلىش، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، مۇبادا بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ قالسا، تېز تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. جەڭگىۋار ئەترەت ئىدىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇرۇش قىلىش ۋە ئۇرۇش قىلىش پىلانى تۈزۈشتە تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇرۇش ھالىتى ۋە ئۇرۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئۇرۇش ۋەزىپىسى، ئۇرۇش رەقىبى، ئۇرۇش مۇھىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇرۇش مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇرۇش رايونىدا بىرلەشمە جەڭگە قوماندانلىق قىلىدىغان كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئاپپارات قۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانداق ئۇرۇش قىلىش زۆرۈر بولسا، جەڭچىلەرنى شۇنداق مەشىقلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، جەڭچىلەرنى شۇنداق جاپالىق مەشىق قىلدۇرۇپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، پۈتۈن ئارمىيەدە ھەربىي مەشىقنى چىڭ تۇتۇش دولقۇنى قوزغاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. توغرا كەسىپ قارىشى، ھوقۇق قارىشى، مەرتىۋە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا بىر مەيدان چوڭ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي ئىشلارنى، ئۇرۇشنى، ئۇرۇش قىلىشنى تەتقىق قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ساپا، بىرلەشمە جەڭ ساپاسى، قوماندانلىق ساپاسى، پەن- تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، زور ھەربىي كۈرەش ئەمەلىيىتى ۋە ھەربىي مانىۋېر، مەشىق پائالىيەتلىرىدە ئۆزىنى باشلامچىلىق بىلەن چېنىقتۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان قىلىشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىغىچە تۇتۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىر- بىرلەپ ھەل قىلىش داۋامىدا ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قاتتىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە يېتەكلەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش خىزمىتىنى چىڭىتىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن پائالىيەتكە قاتناشتى.


【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…
    ·كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرىمىز
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ