خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 30- نۆۋەتلىك «ئىكساق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى پايتەختىمىز بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتنىشىشى بىلەن، 4- نويابىردىن 5- نويابىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ «ئىكساق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، بۇ يىلقى مۇسابىقە يۇقىرى ئۆلچەم ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىرگە يەنە پايتەختتىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا كاتتا تەنتەربىيە سورۇنى ھازىرلاپ بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئىكساق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە پايتەختتىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە پايتەختتىكى ھەرقايسى ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان ياشلاردىن تەشكىللەنگەن كوماندىلاردىن جەمئىي 20 كوماندا قاتناشتۇرۇلغان. مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ھەرقايسى ماھىرلار يۈكسەك دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت روھى بىلەن، ئادىل ۋە كەسكىن تۈردە رىقابەتلىشىپ، توپ مەستانىلىرىگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرغانلىقى تەرىپلەنمەكتە.
ئىككى كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقە ئارقىلىق، جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن بىرلەشمە كوماندا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، بېيجىڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. (سۈرەتلەرنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەمىنلىگەن)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى