11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شياڭياڭ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولى لىنىيەسىدە مېڭىۋاتقان پويىز يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئىككى قۇر رېلىستا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان سەندۈن ئايلانما گەۋدىلىك كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش مەيدانىدىن ئۆتمەكتە.
شۇ كۈنى، خۇبىينىڭ شىيەن دەنجياڭكۇ شەھىرى دىڭجيايىڭ بازىرى تەۋەلىكىدىكى خەنشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ دىڭجيايىڭدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان شياڭياڭ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولى چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ 44-نومۇرلۇق تۆپىلىكتىكى سائەت ئىستىرىلكىسىغا قارشى يۆنىلىش بويىچە ئايلىنىدىغان لىمى ھاۋا بوشلۇقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى. شياڭياڭ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولىنى ھالقىپ ئۆتىدىغان بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئايلانما گەۋدىلىك قۇرۇلۇشىدا «ئالدى بىلەن سېلىش، ئاندىن ئايلاندۇرۇش» شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەر ۋە راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى