- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى دۇ چياڭ تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ
2017.11.07 16:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى دۇ چياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىش سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
دۇ چياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
دۇ چياڭ، ئەر، خەنزۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىچىڭدىن، 1962- يىلى 7- ئايدا تۇغۇلغان، 1982- يىلى 1- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1990- يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر