- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو تېبابەتچىلىكى- دورىگەرلىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
2017.11.07 15:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- چىسلا بېيجىڭ جۇڭگوچە تېبابەت دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مەملىكەت بويىچە دورىگەرلىك ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىككى يىل ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى بويىچە تىزىملىتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى بۇ يىل 7- ئايدا رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا توردا تىزىملىتىش ۋە مەكتەپ دەرىجىلىك دەسلەپكى مۇسابىقە دېگەندەك ئىشلار ھازىر پۈتۈنلەي تاماملاندى. ئەسلىدە توردا تىزىملىتىش تۈرلىرىدىن 1177سى بار ئىدى، مەكتەپ دەرىجىلىك تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 489 تۈر توردا باھالاش قاتارىغا كىردى. توردا باھالاش ئارقىلىق، ئۈزۈپ چىققان 100 تۈر مەملىكەتلىك ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى بولسا، ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ مەدەنىيەت روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشتۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر