باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا خادىم تەكلىپ قىلىشتىكى ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

خادىم تەكلىپ قىلغاندىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى سەمىيمىيلىك ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ

2017.11.07 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا خادىم تەكلىپ قىلىشتىكى ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭدا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا خادىم تەكلىپ قىلىشتا كۆرۈلگەن ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى، تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن بىلەن تەكلىپ قىلىش خادىملىرىنىڭ ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى ھەم ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  تەكلىپ قىلىنغۇچى ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئەھۋالغا قاراپ ئۇنىڭ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، شۇ قېتىملىق شۇ پەندىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، شۇ قېتىملىق بارلىق پەنلەردىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ھەم ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا تەكلىپ قىلىنغانلار سەمىمىيلىك ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ.ئادەم تەكلىپ قىلغان ئورۇن ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە مەسئۇل باشقۇرغۇچى ۋە باشقا مەسئۇل كىشىلەرگە قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ ئاشكارا خادىم تەكلىپ قىلىشقا قاتناشقانلار ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ، ئالاقىدار تارماقلار چارە كۆرىدۇ ھەم شۇ يىللىق ۋە كېلەر يىللىق ئادەم تەكلىپ قىلىش خىزمىتىگە داۋاملىق قاتنىشىشى توختىتىلىدۇ ياكى ئادەم تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلىدۇ، ئادەم تەكلىپ قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  تەكلىپ قىلىنغۇچىلار، تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇنلار، ئادەم تەكلىپ قىلىش خادىملىرىنىڭ ئاشكارا ئادەم تەكلىپ قىلىش جەريانىدا، ئېلان بېرىش، تىزىملاش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان ئېلىش، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش، ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىنى سىناش، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، تەكشۈرۈش، ئاشكارىلاش، تەكلىپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ھالقىلاردا ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى بېكىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا، مۇشۇ «بەلگىلىمە»گە تەدبىقلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر