باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي تەدبىرى: كۆرسەتكۈچتىن ئاشۇرۇلۇپ سەپلەنگەن 3153 نەپەر كادىر قايتا ئوڭشاشقا قويۇلۇپ، ئىچكى قىسىمدا ھەزىم قىلىندى

2017.11.07 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە: پۈتكۈل چىڭخەي ئۆلكىسى مەركەزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەمدە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يەنى كادىرلارنى كۆرسەتكۈچتىن ئاشۇرۇپ سەپلەشتىكى «ئۈچنى ئاشۇرۇۋېتىش ۋە ئىككى قالايمىقانچىلىق»نى مەخسۇس تۈزەش جەھەتتكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2014- يىلى 7- ئايدىن 2017- يىلى 9- ئايغىچە بولغان ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، كۆرسەتكۈچتىن ئاشۇرۇپ سەپلەنگەن 3153 نەپەر كادىرنى قايتا ئوڭشاش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى. بۇ، چىڭخەينىڭ كادىرلارنى كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇپ سەپلەش قىلمىشلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم كادىرلارنى كۆرسەتكۈچتىن ئاشۇرۇپ سەپلەش قىلمىشىنى تۈزەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى كۆرسەتكۈچتىن ئاشۇرۇپ سەپلەشتىكى «ئۈچنى ئاشۇرۇۋېتىش ۋە ئىككى قالايمىقانچىلىق»نى تۈزىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. جايلار ۋە ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كادىرلار تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىنىڭ «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى بىجا كەلتۈرۈشكە تەشكىللەپ، قاتلاممۇ-قاتلام بېسىم ھاسىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شەھەرلىك ۋە ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسىغا خەت يېزىش، شەھەرلىك، ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسى ۋە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بىلەن مەركەزلىك ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، بىر تۇتاش ھېسابات تۇرغۇزۇپ نومۇر ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋە ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل رەھبەر ۋە كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق 56 ئادەم بىلەن 56 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، تۈزىتىش جاۋابكارلىقىنى چىڭايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆلكە بويىچە ئاپپارات ئىشتاتىدا ئۆز نامى تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، سان ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، لايىھەنى بېكىتىپ، ھەرقايسى ئىدارىلەرنىڭ كادىرلارنى كۆرسەتكۈچتىن ئاشۇرۇپ سەپلەش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئۆلكە بويىچە ئىشتاتتىن ئاشۇرۇپ سەپلەنگەن كادىردىن 3153 نەپەر كادىرنى بېكىتىپ چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر