باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تاشيول قاتناش قۇرۇلۇشىغا 170 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىندى

2017.11.08 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە: 10- يىلنىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ169 مىليارد 807 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قاتناش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى مۈشكۈل. شۇنداقتىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق قاتناش ئىشچىلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپتە پىداكارلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. 10- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە، باشلىنىپ بولغان قۇرۇلۇش تۈرى 3602گە يەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن 169 مىليارد 807 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن يىللىق پىلان ۋەزىپىسىنىڭ %84.5ى تاماملاندى. بۇ مەبلەغ 2016- يىلى بىر يىلدا سېلىنغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ 4.7 ھەسسىگە يەتكەن.

  مەلۇم قىلىنغان ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، 11- ئاي كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن قاتناش تۈرى قۇرۇلۇشلىرى ئاخىرلىشىپ قالغان. ھاۋانىڭ سوۋۇپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، تېمپېراتۇرىمۇ تۆۋەنلەپكەتتى، شۇنىڭ بىلەن، بۇ يەنە قۇرۇلۇشلارغىمۇ بەلگىلىك تەسىر ئېلىپ كەلدى، شۇنداقتىمۇ، جايلار كۆتۈرەڭگۈلۈككە تولغان كۈرەش ئىرادىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىپ، ۋاقىتنى يەنىلا چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا تېرىشماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر