باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

يۇ چۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2017.11.08 18:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۈەن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلىكسەپ قوشۇنىدىكىلەر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ تارىخى ئورنى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  يۇ چۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى يېڭى دەۋرگە كىردى، كەڭ بىرلىكسەپ ئەزالىرىنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ سەھنە تەييارلاپ بەردى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. كۆپچىلىكنىڭ شەخسىي غايىسى، ئىشلىرى، ئىنتىلىشىنى دۆلەت تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئەۋزەللىك بىلەن ئىجتىمائىي تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە شەرھلەپ، ئىجادىي تەرەققىي قىلىشنى چۆرىدەپ، تەمىنات ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، دۆلەتنى پەن-مائارىپ بىلەن گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلاردا ئەقىل كۆرسىتىپ، كۈچ چىقىرىپ، 19-قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن يېڭى كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز لازىم.

  پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلار ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر