باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.11.09 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

  ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئاخبارات قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاشقى ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ،ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى تارقىتىپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلابتا، قۇرۇلۇشتا، ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك جامائەت پىكرىنى مۇجەسسەملەپ، ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى ياراتتى.

  يېڭى دەۋردە جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىييۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ جەمئىيەتنى ھەقىقىي «ئاخباراتچىلار ئائىلىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، خەلققە رىشتە باغلاپ، ئۇلۇغ دەۋرنى خاتىرىلەپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، مىللەتلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «ئىككى100 يىل»كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2017- يىلى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- نويابىر تېلېگراممىسى)

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر