خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەگە ھەمراھ بولۇپ، گۇگۇڭ سارىيى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى گۇگۇڭنىڭ باۋيۈن سارىيىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتى، گۇگۇڭنىڭ ئالدى ئۈچ سارىيىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ماھارىتى ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە كۆردى ھەمدە جىڭجۈي تىياتىرىدىن ھۇزۇرلاندى.ئالتۇن كۈز پەسلىدە، گۇگۇڭ سارىيىنىڭ قىزىل تېمى، سېرىق كاھىشلىرى كۈن نۇرىدا يالتىرايتتى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن گۇگۇڭنىڭ باۋيۈن سارىيىدا ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەنى كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئۆزئارا قىزغىن ئەھۋاللىشىپ، بىرلىكتە باۋيۈن سارىيىغا كىرىپ چاي ئىچىشتى.باۋيۈن سارىيىنىڭ ئىچىنى خۇش پۇراق كۈجە ھىدى قاپلىغانىدى، سازەندىلەر يېنىك مۇزىكىلارنى ئورۇنلاۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانلىقىغا بىر يىل بولغان مەزگىلدە ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ترامپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا مارالاگو قورۇقىدا ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ترامپ ئەر-خوتۇننىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور، بۇنىڭغا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت يۈكسەك ئېتىبار بېرىپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرمۇ ئېتىبار بىلەن قاراۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىجابىي ۋە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شى جىنپىڭ ترامپقا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋە يېقىندا يېپىلغان ج ك پ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.
ترامپ جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ج ك پ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختىدى، جۇڭگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى