باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەستىن تېخىمۇ مۇستەھكەم، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى

− پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (9)

2017.11.09 08:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا − پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتتىكى چاقىرىق كۈچى، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشتا.

  «پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەستىن تېخىمۇ مۇستەھكەم، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇشى شەرت». پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا ئەمەل قىلىنىپ، «باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدىن دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران- چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» نىشانى كۆزلەنگەن ھالدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى چىقىرىلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ مىزان.

  پارتىيەمىزنىڭ 96يىلدىن بۇيان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەللەرنى ئارقا- ئارقىدىن يېڭىپ، يەنە بىر شانلىق مۆجىزە يارىتالىشى؛ بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىسىمۇ ھەل قىلىنمىغان كۆپلىگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ قىلالمىغان كۆپلىگەن چوڭ ئىشلارنى بېجىرەلىشىدىكى ئاچقۇچ شۇكى، پارتىيەمىز باشتىن- ئاخىر ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىدا. پارتىيەمىز يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەۋپ» كە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشتا، باشتىن- ئاخىر تەلەپچان بولۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، قۇدرەتلىك قىلىپ كۈچەيتىشى كېرەك.

  پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەستىن تېخىمۇ مۇستەھكەم، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، ئالدى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك يېڭى تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇلار ئىچىدە نېمە ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ «14 تە چىڭ تۇرۇش»نىڭ ئاساسىي تەدبىرى، بولۇپمۇ «پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش»، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈرنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى، مەدەنىيەت- مائارىپ، ھەممە ساھە، ھەممە تەرەپلەرگىچە پارتىيە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ»دىن ئىبارەت بۇ زور سىياسىي پىرىنسىپنىڭ دەۋر مەزمۇنى ۋە «ئۆزى ئۈستىدىن دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش»تىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ بۇ روشەن پەزىلىتىنى ئىگىلەش؛ يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنىڭ

  مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ يېتەكچىنى، غايە- ئېتىقاد- ئاساسىي مەقسەتتىن ئىبارەت بۇ ئۇلنى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاشتىن ئىبارەت بۇ كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تۈرلۈك يېڭى تەلەپلەرنى ئېنىق چۈشىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەندىلا، بارغانسېرى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەمىزنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تايانچىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەستىن تېخىمۇ مۇستەھكەم، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، سەككىز جەھەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما، ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، بولۇپمۇ سىياسىي قۇرۇلۇش ۋە ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى جەھەتكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش −− شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ جېنى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيەمىز جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرغاندىلا، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

  ئۇلۇغ ئىشلارغا قۇدرەتلىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىپ، قۇرۇلۇشقا كۈچەپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن تەڭ ئويلاپ، تەڭ ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلساقلا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن بۇ پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە يول باشلاپ، غەلىبىلىك ھالدا شانلىق قىرغاققا يېتىپ بارالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- نويابىر تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر