باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2017.11.09 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېيىنكى قەدەملىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا بەي جۇڭئېن، شې دەنيەڭ، خا جىمىڭ، يۈ بىن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش»قا تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا ئىقتىسادىي خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. خاربىن ئېلېكتىرىك گۇرۇھى، «خاۋخەيزى» گۇرۇھى، چۇڭچىڭ «جۇباجى» تور شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى كەسىپ توپى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق بازارنى كېڭەيتىش، ھەمبەھىرلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادى بۇ يىل مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، سۈپەت، ئۈنۈم قاتارلىقلاردا پائال ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى، پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە نىشان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  لى كېچياڭ تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىرلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن ئېلىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولۇپ، خەلقئارانىڭ ئالدىنقى بىر مەزگىلدىكى «جۇڭگو ئىقتىسادى قوپال ئىزىغا چۈشىدۇ» دېگەن سەپسەتىسىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن شۇنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەككى سىرتقى مۇھىتتا يەنىلا نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۇت، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قۇرۇلمىلىق زىددىيىتى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر