خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدا، بىر خىزمەتچى خادىم تېز يوللانما ساندۇقلىرىنى يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان «گۈللىنىش» ناملىق پويىزغا يۆتكىمەكتە.
شۇ كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريولى تېز تىرانسپورتى دۆلەت ئىچىدىكى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى سودىگەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۇنجى قېتىم بېيجىڭ- شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدە يولغا قويغان «يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا تېز يەتكۈزۈش» ناملىق تېز توشۇش يېڭى مەھسۇلاتى سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈلدى. تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول پويىزى، يۈك-تاق ئاپتوموبىلى قاتارلىق تۆمۈريول تېز تىرانسپورت كۈچى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بولۇپمۇ بېيجىڭ-شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى «گۈللىنىش» ناملىق پويىزدا يېڭىدىن بازارغا سالغان «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا تېز يەتكۈزۈش»تىن پايدىلىنىپ بېيجىڭ- شاڭخەي ئارىسىدىكى تېز يوللانمىلارنى 10 سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، سۈرئىتى تېز، يۈرۈشۈشى مۇقىم بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى