خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ لائوستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «شى جىنپىڭ __ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ لائوس يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى لائوسنىڭ پايتەختى ۋيېنتياندا ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېيمىن تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ج ك پ 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا لائوستا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، «شى جىنپىڭ __ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ لائوس يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى نەشر قىلىپ تارقىتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ، لائوس خەلقىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات يولى ۋە ئىچكى- تاشقى سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا جۇڭگو-لائوس ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
گو ۋېيمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ __ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ۋە يېقىندا رەسمىي نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان 2-تومىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشى، ئوبيېكتىپ تونۇشى، ئىدراكىي ئوقۇپ چۈشىنىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك بولالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى