خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 9- كۈنى خەلق سارىيىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.
ئىككى تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت- سائادىتىگە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. ھەمكارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە باشلايدۇ.
ئىككى تەرەپ باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ھەم ھەرقايسى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد- سودا، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى، قانۇن ئىجراسى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ۋە رايون ھەم دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ.
ترامپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇلۇغ مۇناسىۋەت، ئامېرىكا- جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھازىرقى دۇنياۋى زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- ئامېرىكا دىپلوماتىيە خەۋپسىزلىكى سۆھبىتى، ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتى، جەمئىيەت ۋە ئادىمىيەت سۆھبىتى، قانۇن ئىجراسى ۋە تور بىخەتەرلىكى سۆھبىتىدىن ئىبارەت تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مېخانىزمىدىكى ئىككى تەرەپ باشلامچىلىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېتەكچى خاراكتېرلىك پىكىر بەردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى