باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى قانچە تەرىپلىسەممۇ تۈگىمەيدۇ

چۆچەك شەھىرى ئېمىل يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى سېرىك ئۆمەر

2017.11.09 15:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن چۆچەكتە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ياشاپ كەلدىم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن، مەن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇپ، ياخشى تەربىيە ئېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدۇم، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدىن بولدى، ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەمنى ئەسلىسەم، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى قانچە تەرىپلىسەممۇ تۈگىمەيدۇ.

  ئائىلىمىز 1987- يىلى چۆچەك شەھىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كوچىسىغا كۆچۈپ كەلدى، بۇ يەردە مەن بىلەن تەڭدىمەتلىك خەنزۇ قوشنىمىز بار ئىدى، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايتتى، كۈنبويى ئاساسەن دېگۈدەك چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى تىرىكچىلىك غېمىدە دائىم سىرتلاردا يۈرەتتى، ئۆيدە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق چاغلاردا بىز ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتۇق. ئۇنىڭ بىلىدىغانلىرى كۆپ ئىدى، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن دۆلەت تىلىنى ئانچە ياخشى سۆزلىيەلمەيتتىم، ئۇ ماڭا دۆلەت تىلى ئۆگەتتى، يەنە ماڭا نۇرغۇن مەن بىلمەيدىغان بىلىملەرنى سۆزلەپ بەردى، بىز بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ، بىللە چوڭ بولدۇق، ئاتا - ئانىلىرىمىزمۇ دېيىشمەيدىغان گېپى يوق سىرداش دوستلاردىن ئىدى.

  «ئائىلەڭ ئىناق بولسا، ئىشىڭ روناق تاپار» دەيدىغان گەپ بار. ئەمەلىيەتتە دۆلەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەرقايسى مىللەتلەر خۇددى بىر چوڭ ئائىلىدىكى ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارغا ئوخشايدۇ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتسەكلا دۆلەتنىڭ ئىشلىرى روناق تاپىدۇ. شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ جان تومۇرىمىز، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئۆز ھەرىكىتىمىزگە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغاندىلا، جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىدۇ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

  ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىساد زور دەرىجىدە راۋاجلانغان، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، شەھەر - يېزىلاردا زور ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان يېڭى كەيپىيات شەكىللەندى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بىزنىڭ گۈزەل چۆچەك مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلاشقان، ئېجىل - ئىناق ئۆتىدىغان چوڭ ئائىلە، ئۆزگىچە رايون مەدەنىيىتىگە ۋە رەڭدار مىللىي ئۆرپ - ئادەتكە ئىگە جاي، مەن ئەڭ قىزغىن سۆيىدىغان ماكان. بىز ھەر مىللەت ئامما چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، يۇرت - ماكانىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بوپتۇ، مەن پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ يېزا - بازارلارغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىگە بىۋاسىتە شاھىت بولدۇم، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور ياردىمىدە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. ئېمىل يېزىسىنى مىسالغا ئالساق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق رايونىدا جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، «جيەنيۈەن» يېزا ئىگىلىكى، «پېڭكۈن» قونىقى ۋە «شاۋلاۋئېر» گازىرى قاتارلىق كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكى پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاشۇرما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش سىياسىتىنى ئومۇملاشتۇردى، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە پاناھلاندۇرۇش، ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، يېزا، كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. بۈگۈنكى كۈندە، قاتار - قاتار سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەر كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئورنىدا قەد كۆتۈردى، توپا - شېغىللىق يوللارنىڭ ئورنىنى تۈپتۈز ئاسفالت يول ۋە سېمونت يوللار ئىگىلىدى، تۇرمۇش شارائىتىمىز كۈنسېرى ياخشىلاندى. پۇقرالارنىڭ بۇنداق ياخشى كۈنگە ئېرىشىشى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن بولغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، چەكسىز ئىلھاملاندىم. جۇڭگولۇق بولغىنىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم. يېڭى ئىدىيە يېڭى دەۋرگە باشلامچىلىق قىلىدۇ، يېڭى بۇرچ يېڭى سەپەرنى باشلايدۇ. مەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن، ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، مەۋقەنى خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە قويۇپ، ئۆزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا كۈچەپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە ۋە دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغداپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە بارلىقىمنى بېغىشلايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر