باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىننەتدارلىقنى قەلبىمگە پۈكۈپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ ماڭىمەن

شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى زۇمرەت ئالىم

2017.11.09 15:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2004- يىلى 15 يېشىمدا تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرغانىدىم. ئۈمىد ۋە غايىگە تولغان بۇ پويىز تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن بىز ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىگە ئېلىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا تۆت يىللىق ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى. ئېنىق يادىمدا، ئۈرۈمچىدە پويىزغا چىقىشتىن بۇرۇن، خاڭجۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىن بىزنى ئالغىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىزگە چىرايلىق مەكتەپ فورمىسىنى تارقىتىپ بەرگەندە، ھەممىمىزنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولغانىدى. كېيىن بىلسەم، مەكتەپ بۇ فورمىنى مەخسۇس بىز ئۈچۈن خاڭجۇدا تىككۈزۈپ، شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.

  مەن توقسۇن ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ماڭا سىرتقى دۇنيانى چۈشىنىدىغان كۆزنەك بولدى. بىز شىنجاڭلىق بالىلار خاڭجۇدا دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن شۇ جايدىكى بالىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدۇق. دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ، سەھنىدە بىللە ئويۇن قويۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. كۆپچىلىك ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا بەھرىلەندۇق، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا مېھرىمىز چوڭقۇرلىشىپ، سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇق.

  ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياردىمىدە، بىز شىنجاڭلىق بالىلار خاڭجۇنىڭ مۇھىتى ۋە يېمەك - ئىچمىكىگە ئاستا - ئاستا كۆنۈپ، ياخشى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈردۇق. تېخىمۇ مۇھىمى، بىزنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەمىز ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئېشىپ، ھەرقايسى دەرسلىكلەرنى ياخشى ئۆگىنىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۆز غايىمىز ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتۇق. ھەر قېتىملىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئاتا - ئانام دۆلەت تىلى سەۋىيەمنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، ماڭا بارغانسېرى ئەقىل كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولاتتى. شۇڭا، ھەر قېتىم خاڭجۇدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم ئائىلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەندە، ئاتا - ئانام ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى.

  ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزۈپ، ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندىم، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شەرەپ بىلەن خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئىلگىرىلەش جەريانىدا، ئىزچىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىغا ئېرىشتىم. مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنى چوقۇم پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلقنىڭ، ئىچكىرىدىكى مەكتىپىم ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ تەربىيەسىگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك، دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىمەن.

  ھازىر مەن شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، زىممەمگە ئىلىم - مەرىپەت تارقىتىپ خاتا ئىدىيەلەرنى تۈگىتىش مەسئۇلىيىتى يۈكلىنىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەشتەك شەرەپلىك بۇرچمۇ يۈكلەنگەن. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىنلا مىننەتدارلىق ئېڭى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشۇم، ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى ئاڭلىق توسۇشۇم ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىم، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى قىلىپ تەربىيەلىشىم، «بەشنى تونۇش» ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقىتىشىم كېرەكلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى بىزگە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. بۇ مەزگىلدە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ روھى ئۇرغۇپ، جىسمىمىز كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان غەمخۇرلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن ۋە شۇ توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دەرس مۇنبىرىنى ۋە مائارىپ بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زىيىنىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى يوغان ئېچىپ، مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسىمەن. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىمدە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى كىچىك ئىشلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاتا - ئانىلار ئوتتۇرىسىدا قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا باردى - كەلدى قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر